باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2017.10.18 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تو جېن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا: «ھازىر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى»، دەپ جاكارلىدى.

  10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا يەنە بىر سائەت ۋاقىت بار ئىدى، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭ زالى كىشىلەر بىلەن لىق تولدى. جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بالدۇر كېلىپ ئورۇن ئىگىلەپ، ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتتى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق سارىيىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنىنى ئېچىپ، يىغىن قارالمىسىنى بېكىتتى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى ئاڭلىنىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىدۇ؛ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سايلىنىدۇ، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلىنىدۇ.

  ھازىر، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى تەييارلاش خىزمىتى، پارتىيە نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىشلىنىپ بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر