باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سەككىز مىنىستىرلىق، كومىتېت تەدبىر تۈزۈپ سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

تۈزۈم ئارقىلىق يەر شارىنىڭ بۆرىكىنى قوغدايلى

2017.05.19 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق سەككىز مىنىستىرلىق، كومىتېت يېقىندا ھۆججەت بېسىپ تارقىتىپ، «سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. سۇلۇق يەر «يەر شارىنىڭ بۆرىكى» دەپ ئاتىلىدۇ، تەبىئىي ياكى سۈنئىي شەكىللەنگەن، جىمجىت ياكى ئېقىپ تۇرىدىغان دائىرىلىك تېيىز سۇ رايونىنى كۆرسىتىدۇ ۋە دولقۇن پەسەيگەندە سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئالتە مېتىردىن ئاشمايدىغان كۆل، سازلىق، سايلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى سۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى سۇلۇق يەرنى قوغداش باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ سۇلۇق يەر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى كۆپ، كەڭ تارقالغان، جانلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ. مەملىكەت بويىچە 2-قېتىملىق سۇلۇق يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى 53 مىليون 602 مىڭ 600 گېكتار(804 مىليارد مو) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەبىئىي سۇلۇق يەر كۆلىمى 46 مىليون 674 مىڭ 700 گېكتار(تەخمىنەن 700 مىليون مو)غا يەتكەن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى خەلقئارالىق مۇھىم سۇلۇق يەر 49غا، سۇلۇق يەر تەبىئىي قوغداش رايونى 602گە يېتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش نىسبىتى %46.98 بولۇپ، سۇلۇق يەرنى تەبىئىي قوغداش رايونىنى ئاساس قىلغان سۇلۇق يەرنى قوغداش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇلتۇر 12-ئايدا «سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى»نى تارقاتقاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئومۇميۈزلۈك» مۇنداق بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: مەملىكەتتىكى بارلىق سۇلۇق يەرنى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش؛ سۇلۇق يەر سىستېمىسىنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش، مۇھىم سۇلۇق يەرنى ئەڭ قاتتىق قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ باشقۇرۇش ۋاھاكازالار. ئادەتتە سۇلۇق يەرنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ سۇلۇق يەر سىستېمىسىنىڭ بەرداشلىق بېرىش دائىرىسىدە بولۇشى شۇنداقلا سۇلۇق يەرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر