باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ج ك پ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايلى

2017.04.24 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  -مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ج ك پ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش خاتىرىسى

  «پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، پارتىيەمىز، دۆلىتىمىزنى ياخشى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم».

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئادەتتىكى مەسىلە ۋە شەخسلەرنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پىرىنسىپلىق مەسىلە، شۇنداقلا پارتىيەۋىلىككە، ئومۇمىيەتكە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە».

  ...

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى نەزەردە تۇتۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ھالدا بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇردى

  مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورگان پارتكومىنىڭ ئىدىيەۋى، تەشكىلات، ئىستىل، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى، سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا ئىگىلەش ۋە ئاڭلىق ھالدا ئەمەلدە كۆرسىىتشنى تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر