باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى ياخشى قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى قوشايلى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن

2017.04.24 14:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتەك شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى دېگەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى تۈزۈپ چىقتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئىلمىي بېكىتكەن، بۇ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىگە تولۇق ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، دانا ۋە توغرا بولغان. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپ قويۇپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى يۆنىلىش بەلگىلىگۈچ، كومپاس، ھەرىكەت مەنبەسى، ئىتتىرگۈچ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاق - ئىناق، گۈللەنگەن - باي، مەدەنىي - تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىمىزنى ئىلمىي قوللانما ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قايتا چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشىمىز، چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىزگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش ئاپپاراتى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان شەكلى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، شۇنداقلا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، تەدبىرلىرى ئاساسىدا يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇش، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا ئەگىشىش، يادرونى قەتئىي قوغداش، يادروغا تولۇق ساداقەتمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆلچەم قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە باش نىشان بويىچە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننىڭ كويىدا بولۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىدە باش نىشانغا بويسۇنۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ، باش نىشاننى ھەقىقىي كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ھازىر «ئۈچ خىل كۈچ» تېخىمۇ غالجىرلىشىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ۋە تېخىمۇ مۈشكۈل، مۇرەككەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولغا قويغان بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئۇنىۋېرسال تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باشتىن - ئاخىر كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ئاخىرلاشتۇرماسلىقى كېرەك. بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى بولىدىغان كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاممىۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداشقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى قوغداشقا جان پىدا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  بىز ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باش شۇجىنىڭ «ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»كە تۈرتكە بولۇش، دىنىي پائالىيەتكە دائىر تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، چېگرا رايوننى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش، ئالاقە تورى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىز، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىز كېرەك. ھەربىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش كادىرى مەيلى قايسى مىللەتتىن، قەيەردىن كەلگەن، قايسى ئىش ئورنىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي ئىنتىزام ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھىدا قەتئىي ئاتاكىغا ئۆتۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇپ پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە سەگەك بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھېسسىياتى، بولۇپمۇ سەمىمىيىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ۋە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن خاتا ئىدىيەنى پەرقلەندۈرۈپ ۋە ئانالىز قىلىپ، سۆكۈپ، جامائەت پىكرىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ 1 - سېپى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ 1 - سېپىدە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، قەلب - كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ 1 - سېپىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  بىز ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باش شۇجىنىڭ «يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقىل - پاراسەت توپلانغان بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشقا، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىشقا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇشقا، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىشكە مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەستىقلىغان كېڭىشىش پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاتچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ كېڭىشىش ئاساسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى، مۇھىم قانۇن - نىزام، مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشىمىز كېرەك.

  بىز ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت ، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باش شۇجىنىڭ «خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى خەلق ئۈچۈن ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىمىز ۋە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قەلب تۆرىمىزگە قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەلرايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئەلنى مايىل قىلىش جەھەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، نامراتلارنى يۆلەش، ماكانلاشتۇرۇش، قەلبلەرنى ئىللىتىش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش بىلەن دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پائال ئاتلىنىشقا تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق، ئالاھىدە مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە كۆزىتىپ، ئەمەلىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى ۋاقتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشىمىز ۋە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  بىز ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باش شۇجىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىدا، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن، باشلامچىلىرىدىن بولۇشىمىز؛ پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى، «بەشنى تونۇش»نى قەلبىگە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىننەتدارلىق ئېڭىنى قوزغاپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماي، ئۆزئارا باردى - كەلدى قىلىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر بىرلىك سەپ تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەمدە بىرلەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىقى، ھەربىي بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى، ساقچى بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى شىنجاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەم قۇرۇشىمىز كېرەك.

  قانچىلىك مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرىساقمۇ، قەتئىي باش ئەگمەسلىكىمىز، ئىرادىمىزدىن قايتماسلىقىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ھېچقانداق دۈشمەن تەۋرىتەلمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەزمۇت قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى خۇددى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇنى ھېچكىم بۇزۇۋېتەلمەيدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق، شانلىق شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتايلى.

  شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر