باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەن-مورى تۈرىنىڭ باشلامچى سىناق بۆلىكىدە ئىش باشلاندى

ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىدىغان 2-تاشيول 2019-يىلى تۇتاشتۇرۇلىدۇ

2017.04.24 14:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ېيجىڭ - ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋۇتۇڭ داچۈەن - مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يولى تۈرىنىڭ باشلامچى سىناق بۆلىكىدە ئىش باشلاندى، بۇ تۈر بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەلىكىدە ياسىلىۋاتقان ئاخىرقى بۆلىكى بولۇپ، 2019- يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇ چاغدا بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىچكى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا كىرىدىغان 2 - تاشيول شەكىللىنىدۇ.

  بۇ تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لۇڭ شىڭ مۇنداق دېدى: ۋۇتۇڭ داچۈەن - مورى يولى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 515 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل يۈرەلەيدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمىدە ياسىلىدۇ، ئۇنىڭغا جەمئىي 17مىليارد 800مىليون يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، پىلاندىكى قۇرۇلۇش ۋاقتى ئۈچ يىل قىلىپ بېكىتىلگەن، ھازىر ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش تۈرى تۈر باشلامچى سىناق بۆلىكى بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدە بىر بۆلەكنى ياساپ سىناق قىلىپ، كېيىنكى تۈرلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىش باشلاشقا ئاساس سېلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تورىدىكى پايتەختكە تەۋە يول بۆلىكىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى قاتناش غول لىنىيەسى بولۇپ، شەرقتىن غەربكە بېيجىڭ، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونوم رايون، ئۈچ ئۆلكە )شەھەر(نى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2540كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالى، شىمالى ۋە غەربىي شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان قولايلىق يول. ھازىر ئارا يۇلتۇزدىن ئۆتۈپ گەنسۇ - بېيجىڭ يولىغا كىرىدىغان لىنىيەگە سېلىشتۇرغاندا، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بېيجىڭدىن شىنجاڭغىچە بولغان مۇساپىسى 1300كىلومېتىر قىسقىرايدۇ.

  بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئۆتىدىغان ۋۇتۇڭ داچۈەن - مورى تۈرى بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر