باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەيلى

____ ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قويۇپ بېرىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش توغرىسىدا

2016.06.26 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى يەنە ئەلا نەتىجە ياراتتى. ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتا ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئېلىمىز بوشلۇق تەجرىبىخانىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىپ، ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدى. بىز ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك ئۇلۇغ مۇساپىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى 25-يىلغا قەدەم قويۇپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان، جۇڭگولۇقلارنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بوشلۇق تەجرىبىخانىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم جەڭ. ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق راكېتانىڭ تۇنجى ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتانى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۇچۇش سىنىقى، شۇنداقلا بوشلۇق تەجرىبىخانىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ باشلىنىش جېڭى بولۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى باشتىن كەچۈرگەن 60 يىللىق شانلىق پەيتتە، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر