باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

تېجەشچان بولۇش ئىستىلى يىغىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك

ۋۇ ۋېيجېڭ

2013.02.26 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز رەھبەرلىرى باش بولۇپ ئىستىلىنى ياخشىلىدى، جايلار، تارماقلاردا نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك پارتىيە ئىستىلى نامايان قىلىنىپلا قالماي، بۇ يەنە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلدى.

  ئىستىلنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن نۇرغۇن ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىندى. ئىلگىرى يىغىن ئېچىلسا، پائالىيەت ، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش بولسا، تاماق، ياتاقنى ئاددىي ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايتتى. بۇنىڭ بىلەن تاماق – قورۇمىلار ئىسراپ بولۇپ، تېخى ئىچىپ بولۇنمىغان مىنېرال سۇ، خاتىرە بۇيۇملارنىڭ ئورالمىلىرى قالايمىقان تاشلىۋېتىلىپ، ئۇچۇپ يۈرگەن شارلار ئاسان بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغان ئەخلەتلەرگە ئايلىنىپ قالاتتى. بىر قېتىملىق يىغىندا مانا مۇشۇنداق زور ئىسراپچىلىق بولغان يەردە يىغىن كۆپىيىپ، پائالىيەتلەرنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ كەتسە ئېنىقكى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىسراپچىلىق كىشىنى چۆچىتىدۇ.

  ئىسراپچىلىق پارتىيەنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزۈپلا قالماي، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇزۇپ، بايلىق، ئېنېرگىيەنى زىيادە خورىتىپ، ئەخلەت، بۇلغانمىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ھازىر يىغىننى ئاددىي ئېچىش، رەھبەرلەر تەكشۈرۈشكە چىقسا ھەشەم قىلماي، ئاددىيلا ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇش، يىل ئاخىرىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىشنى تۈگىتىش ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

  ئەلۋەتتە، ھەممىلا يەردە ئىستىل ياخشىلانغان بولۇشى ناتايىن، لېكىن ئۆزگىرىشنىڭ بولغىنى ياخشى ئىش. ئىسراپ قىلماسلىق تېجەشچان بولۇشتۇر. ئىشنى ئىنچىكە ئىشلاردىن باشلىغاندا، ھەقىقىي تېجەشچان بولۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. تېجەشچان بولۇش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.

  بەزىلەر ئىستىلنى ياخشىلاش ياخشى ئىش ، لېكىن گۈل، شار ساتىدىغانلار، ئاشخانا ئاچىدىغانلارنىڭ تىجارىتىگە تەسىر يېتىپ، ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىسىز، دەپ قارايدۇ. بۇنى ئىككى جەھەتتىن تەھلىل قىلىش كېرەك. تىجارەتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەقىقەت، لېكىن تىجارەتتە ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا يەپ – ئىچىش›› كىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ – دە!؟ ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەل رايىغا مايىللىشىش، ئەل قەلبىنى چۈشىنىش ئىقتىساد، جەمئىيەتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ. چوڭ مۇھىت ياخشىلانسا تىجارەتچىلەر نېمىشقا پايدا ئالالمىغۇدەك؟ شۇڭا تىجارەتچىلەر چوقۇم نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆز ئالدىدىكى ئازغىنە پايدىغىلا قاراپ قالماسلىقى كېرەك.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستېمال قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندىلا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغاندىلا، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا تېجەشچان بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش مۇھىم فاڭجېن. بايلىق، ئېنېرگىيە تېجەش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى مەنبەسىدىن قوغداشقا باراۋەر. ئاتالمىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا كاللىسىدا ئالدى بىلەن ئويلاش، ھەرىكىتىدە ئالدى بىلەن قىلىش دېمەكلىكتۇر. رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى، تاراتقۇلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى ساقلاپ تۇرماي، تېجەشكە تېگىشلىكلا بولسا ئاڭلىق ھالدا، ئۆزلۈكىدىن تېجەش كېرەك. مۇشۇ تەلەپ بويىچە بولغاندا بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس.

  مەسىلەن، ئىشخانىدا ئەتىگەندىن – كەچكىچە چىراغنى ئۆچۈرمەسلىك، ئىشخانىنى يازدا زىيادە سالقىن ، قىشتا زىيادە ئىسسىق قىلىۋېلىش؛ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇش، بەزى رەھبەرلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولغان دالا ئاپتوموبىلىدا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرۈش؛ قەغەز – ماتېرىياللار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىش، بېسىش، كۆپەيتىشكە ئىشلەتكەن قەغەز ئىنتايىن كۆپ بولۇش؛ ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەر سېتىۋېلىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلماسلىقى؛ يەپ – ئىچىشتىكى ئىسراپچىلىقنىڭ تۈگىمەسلىكى، ئاساسىي قاتلامنىڭ مېھمان كۈتۈش ۋەزىپىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولۇشى...تېجەشچان بولۇش پەقەت يىغىن ئېچىش، پائالىيەت ئۆتكۈزۈش جەھەتتىنلا چەكلىنىپ قالماي كۈندىلىك خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا ھۆكۈمەت ئاساسلىق يېتەكچى ، ئاساسلىق يېتەكچى تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر باشلامچىلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورگان ئىستىلى، كادىرلار ئىستىلى جەھەتلەردە ئاممىنىڭ بەزى نارازى بولغان تەرەپلىرى بولدى، بۇ، تۈرلۈك چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىق، ھەم ھەشەمەتچىلىك ھەم چەت ئەلچە قىلىشقا ئىنتىلىش ھادىسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بىلەن چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىق، ھەم ھەشەمەتچىلىك، ھەم چەت ئەلچە قىلىشقا ئىنتىلىش زادى سىغىشالمايدۇ. ھۆكۈمەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئىكەن، ئامما چوقۇم ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانداق قىلغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت خادىملىرى كۆڭۈلدىكىدەك قىلماي، ئۆزى بىلگەننى قىلسا، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى، سەپەرۋەرلىكى، سىياسەت – تەدبىرلىرىنى ئامما چۈشەنمەيدۇ، ھەتتا توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ.

  كەچكىچە كاركىراپ تەشۋىق قىلغاندىن ئەمەلىي ئىشلىگەن مىڭ ئەلا. رەھبىرىي كادىرلار، مەسئۇل ھۆكۈمەت خادىملىرى تېجەشچان، مۇھىت ئاسرايدىغان، تۆۋەن كاربونلۇق خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىسىلا، بۇ جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ چىقارسىلا، ئېنىقكى، ئىجادىي ئىجتىمائىي تەسىر كۆرۈلىدۇ.

  ‹‹خەلق گېزىتى›› دىن

  ئايبەختەم ئابدۇشۈكۈر(ت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە