باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>گۈزەل-سەنئەت

سىمفونىيە خۇسۇسىدا پاراڭ(1)

2013.02.16 10:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇزىكا كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى تەشكىللىك، ۋاقىت جەھەتتە تۇراقسىز ئاۋاز رىتىمى ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەنئەتتۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق ھەم تەسىرلىك ئىپادىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ھېسسىياتنى ئىپادىلەش سەنئىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ گېگىل «مۇزىكا روھىي ھېسسىيات سەنئىتى» دېگەن. مۇزىكا قارىماققا كىشىلەر كونكرېت كۆرۈشكە بولىدىغان شەيئىلەر ئوبرازىنى سىزما رەسىملەردەك ئېنىق نامايان قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، مۇزىكا تىلىنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، كىشىلەردە ھېسسىيات ئارقىلىق تەسەۋۋۇر، ئەسلىمىلەرنى قوزغاپ، ھۇزۇرلىنىش، ئىپتىخار تۇيغۇلىرى ھەتتا يانداشما پىكىرلەرنى پەيدا قىلالايدۇ.

  كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان، ئاۋاز سەنئىتى بولغان مۇزىكا كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر، شائىر ئەبۇ ناسىر فارابى «رىسالەئى مۇغەننىيۇن» (سازەندىلەر رىسالىسى) دېگەن كىتابىدا «مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا شېئىر قوشۇلسا، ئۇ مۇڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. 100 قېتىم ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان پەيزىنى مېنىڭ قالۇنۇمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسىلەر» دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ كومپوزىتورى شيەن شىڭخەي «مۇزىكا كىشىلەر ھاياتىدىكى ئەڭ زور شادلىق، مۇزىكا ھاياتتىكى سۈپسۈزۈك بۇلاق، مۇزىكا كىشىلەرنىڭ مىجەز خاراكتېرىنى تاۋلايدىغان پېچ» دېگەن.

  مۇزىكا سەنئىتى ئاۋازنى ۋاسىتە قىلغان سەنئەت، زامان خاراكتېرلىك سەنئەت، ھەرىكەت ھالىتىدىكى سەنئەت بولۇش بىلەن بىللە، ئاجايىپ ماھارەتلەردە ئىجرا قىلىنىدىغان سەنئەت. مۇزىكىنىڭ ژانىرلىرى ئىنتايىن كۆپ. سىمفونىيە شۇ ژانىرلار ئىچىدىكى شاھىنشاھتۇر. سىمفونىيە ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇ قەدىمكى يۇناندا بارلىققا كېلىپ، قەدىمكى رىم دەۋرىگە كەلگەندە زور تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغان. ئادەتتە، سىمفونىيەدە بەش تۈر بولىدۇ: سىمفونىيەنىڭ كۈي، كونسىرىتو، ئوركېستىر يۈرۈشلۈك كۈيلىرى، كىرىش مۇزىكىسى ۋە سىمفونىيە تېكىستى (شېئىرى)دىن ئىبارەت. گەرچە سمفونىيەنىڭ تۈرى ئاساسلىقى مۇشۇ بىر نەچچە تۈر بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ۋە قۇرۇلمىسى ئەلۋەتتە كەڭرەك. ئاۋسترىيەلىك كومپوزىتور جورجى. ماتتىئاس. مون 1740–يىلى تۇنجى قېتىم تۆت بابلىق سىمفونىيە مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، بۇ ژانىرنىڭ تاكامۇللىشىشىغا زور ھەسسە قوشقان. يەنە فىرانسىيەلىك كومپوزىتور ۋېكتور.لويىس. بېرليۇزنىڭ «فانتازىيەلىك سىمفونىيە»سىدە بەش بابلىق مۇزىكا ئىجاد قىلىنغان. ئۇلاردىن باشقا ئاۋسترىيەلىك داڭلىق كومپوزىتور مافلېرنىڭ «ئۈچىنچى سىمفونىيە»سىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئالتە بابلىق مۇزىكا بىلەن سىمفونىيە ئورۇنلانغان ۋە باشقىلار.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە