باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ 12 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرمەكچى

2013.02.07 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6-فېۋرال لساخادىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىرىمىز جاڭ جىنپىن خەۋىرى) شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى يېقىندا 2013-يىلدا مائارىپ ياردەم پۇلى ئۆلچىمى، كارخانىدىن پېنسىيىگە چىققان خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى داۋالاش تۈزۈمى مالىيە ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 90 پىرسەنت شىزاڭ ئاھالىسى مەنپەئەتلىنەلەيدىكەن.

  بۇ قېتىملىق خەلق تۇرمۇشى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتە، بىرىنچىدىن، كارخانىدىن پىنسىيىگە چىققان خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى كىشى بىشىغا ئوتتۇرچە %10 ئۆستۈرۈپ، 3043.2 يۈەنگە يەتكۈزمەكچى؛

  ئىككىنچىدىن، ھەر ئايلىق يېڭى يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى كىشى بىشىغا ئوتتۇرچە 90 يۈەندىن 105 يۈەنگە ئۆستۈرمەكچى؛

  ئۈچىنچىدىن، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ھەر يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئوتتۇرچە 260 يۈەندىن 300 يۈەنگە ئۆستۈرمەكچى؛

  تۆتىنچىدىن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھەر يىللىق داۋالاش تۈزۈمى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى كىشى بىشىغا ئوتتۇرچە 300 يۈەندىن 340 يۈەنگە ئۆستۈرمەكچى. مائارىپ ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە ئۆستۈرۈپ، ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر ئوقۇش يىللىق ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى تۈركۈمدىكى رايونلارنىڭ 2600 يۈەنگە، 3-تۈركۈمدىكى رايونلارنىڭ 2700 يۈەنگە، 4-تۈركۈمدىكى رايونلار ياكى چىگرا ناھىيەلەرنىڭ 2800 يۈەنگە يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە