باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون چاۋشيەنلىك دوختۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2013.02.13 18:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 11-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيەدە چاۋشيەنلىك ئۈچ دوختۇرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلەپ: بۇنداق دوختۇرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دېدى.

  بان كىمون باياناتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ كىشىلەر ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە خالىس داۋالاش مۇلازىمىتى قىلغان، نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن بۇ خىل ھۇجۇم داۋالاش خادىملىرىنىڭ خىزمىتىنى چەكلەپ قويدى، دۇنيادىكى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ بىمارلارنى تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن، بارلىق دۆلەتلەرنى داۋالاش خادىملىرىنى قوغداشقا چاقىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە