باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزو: ياپونىيە چاۋشيەننى بىر تەرەپلىمە جازالايدۇ

2013.02.13 18:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 12-فېۋرال مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ياپونىيە ئۆز ئالدىغا جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا تاقابىل تۇرىدۇ.

  ئابې شىنزو شۇ كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە بۇ مەسىلىدە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەننى ئۆز ئالدىغا جازالاش قاتارلىق تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. ئابې شىنزو يەنە رادىئوئاكتىپ ماددىلارنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئۆز دۆلەت خەلقىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلاردىن تەھلىل ئۇچۇرلىرىنى جىددىي توپلاشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇندىن باشقا، ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ۋەزىرى ئونودېراگوكودو: كۈتۈلمىگەن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەن قوغدىنىش قىسمىدىن ئېھتىيات ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدىم دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە