باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش چوڭ مىللىي ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسى چاغاننى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزدى

2013.02.13 18:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسى يىلان يىلىلىق چاغاننى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتتە، ئېلىمىزدىكى بەش چوڭ مىللىي ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىمۇ ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن چاغاننى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزمەكتە. تۈنۈگۈن زاڭزۇ كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 2-كۈنى، لاسانىڭ لۇگۇ مەھەللىسىنىڭ 7-نومۇرلۇق ھويلىسىدا، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئۆزلۈكىدىن بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆز ئارا پەتىلەشتى. كالا گۆشى، يالىڭاچ ئارپا ھارىقى قاتارلىقلار قويۇلدى، كۆپچىلىك بىر بىرىگە خادا سۇنۇشۇپ، ئۆز ئارا ھاراق تۇتۇشۇپ، يېڭى يىلىنى تەبرىكلىشىپ بىر بىرىگە خەيرلىك تىلەشتى. لاسا شەھىرى چۈشۈي ناھىيەسى سەينا يېزىسى سەينا كەنتىدىكى دېھقان بيەنجۆنىڭ ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىغا نەزىر چاراق بۇيۇملىرى تىزىلغان ئىدى. بيەنجۆ پەتىگە كەلگەن كەنت خىزمەتچىلىرىگە ھاراق تۇتۇۋېتىپ: مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەن مۇشۇنداق ئازادە يورۇق ئۆيگە كۆچۈرۈپ كىردىم، دېدى.

  چوڭ قىزىل پانۇس، جۇڭگو تۇقۇنىقى قاتارلىق جۇڭگو قىزىلى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى خۇشال خۇرام تۈسكە كىرگۈزدى. شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەر مىللەت ئاممىسى ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا يىلان يىلىلىق چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەشتى. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «چوڭ بازار» قىزىپ كەتتى، باقالى، تورت، ھەر خىل پېچىنە قاتارلىق ئەنئەنىۋى تاتلىق تۈرۈملەر كىشىلەر ئالدى بىلەن سېتىۋالىدىغان چاغانلىق مالغا ئايلاندى.

  يىلان يىلىلىق چاغاندا، نىڭشيادىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا چاغاننى تەبرىكلىدى، «تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن چاغان ئۆتكۈزۈش» نۇرغۇن يېزىلاردا چاغان ئۆتكۈزۈشتىكى بىر مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى. نىڭشيا ئۆلكىسى شىجى ناھىيەسى خوشىجەي يېزىسىدا ئەتراپتىكى يېزا، كەنت، بازاردىكى دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان ۋاسكېتبول كوماندىسى چاغان مەزگىلىدە بىر ھەپتە بىرلەشمە مۇسابىقە ئۆتكۈزدى. چاغان ھارپىسىدا، نىڭشيانىڭ گۇيۈەن شەھىرىدىكى يېزا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بەش كۈندە، 600 دىن ئارتۇق كىشى مۇسابىقىگە قاتناشتى، 700 نەچچە كىشى كۆردى. دېھقانلار «تام تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلىنىش، كاڭ تۈۋىدە ئۇخلاپ يېتىشتەك» قىشلىق دەم ئېلىش كونا تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن خوشلىشىپ، چاغاننى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن خۇشال خۇرام ئۆتكۈزدى.

  چاغان ھارپىسى قار مۇزغا قاپلانغان ئىچكى موڭغۇلدا، موڭغۇل ئاممىسى ئۆزگىچە ئۆرپ ئادەت بىلەن چاغاننى كۈتۈۋالدى، ئەڭ داغدۇغىلىق ئۇسۇل بىلەن بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم بايرامنى تەبرىكلىدى. شىرىنغۇل يايلىقىدىكى موڭغۇل چارۋىچى سىرىگۇلىن بوۋاينىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بالىلار يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ، قوللىرىغا موڭغۇلچە مەسنەۋى يېزىپ، ھويلا دەرۋازىسى، ئۆي ئىشىكى، كىگىز ئۆيگە چاپلىۋەتتى، بوۋاينىڭ كېلىنى كېسەك ئۆينىڭ يېنىغا تىكىلگەن كىگىز ئۆيگە بىر كىرىپ بىر چىقىپ، چاغان ھارپىسىدا يەيدىغان تاماقلارنى جىددىي تەييارلاۋاتاتتى. شىرىنخوت شەھىرىدە، موڭغۇل شەھەر ئاھالىسى دابۇشىراتۇ ئائىلىسى خۇشاللىققا چۆمدى، چۈنكى ئۇلار چاغانلىق تاماقنى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن رېستورانغا بېرىپ يېمەكچى ئىدى، شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى موڭغۇلچە كىيىملەرنى كىيىپ تەييارلاندى. ئۇ 43 ياشقا كىرگەن بولۇپ ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ مەمۇرى، ئۇ :«چاغان موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايرىمى، چاغان ھارپىسىدىكى تاماق بىزنىڭ ئەڭ داغدۇغىلىق يىغىلىشىمىز، شۇڭا ھەممىمىز ئىنتايىن چىرايلىق كىيىنىپ بارىمىز» دېدى.

  چاغان مەزگىلىدە، گۇاڭشى مىللىي موزىيىدا كەينى كەينىدىن ناخشا ئۇسۇل، مىللىيچە كىيىم كېچەك كۆرگەزمىسى، تاغ ناخشىسىنى ئېيتىش قاتارلىق مىللىيچە ئۆرپ ئادەت سەيلە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. چاغاننىڭ 1-كۈنى، 1000 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچى ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرۇپ،گۈزەل تاغ دەريا ساياھىتى قىلدى. گۈيلىن ساياھەت مەنزىرىگاھى جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بىر ئالاھىدە يېڭى يىللىق سوۋغا-«گۈيلىننىڭ تاغ دەريالىرى» تەسۋىرلەنگەن ساياھەت تەشۋىقات كارتىسىنى سۇندى. لىجياڭ تاشقى پىرىستانىدا گېرمانىيە، كانادا، ياپونىيە، پېرۇ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر خۇشال ھالدا چاغانلىق سوۋغاتلارغا ئېرىشىپ، ئۇلار جۇڭگونىڭ قويۇق چاغان كەيپىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە