باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى

2013.02.13 18:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12-فېۋرال چاۋشيەننىڭ ئۈچىنچى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى «6-7TNT مىڭ توننا كۆلەمدە» بولۇشى مۇمكىن. كورىيە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولىدۇ، كورىيە ئارمىيەسىمۇ شۇ كۈنى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ھالىتىگە كىردى.

  كورىيە ھاۋارايى ۋازارىتى 12-فېۋرال: شۇ يەر ۋاقتى 11-فېۋرال سائەت 11دىن 57 مىنۇت 50 سېكۇنت ئۆتكەندە چاۋشيەننىڭ خاميوڭ شىمالىي ئۆلىكىسىنىڭ جىجۇ ۋىلايىتىدە بەش بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  كورىيە پىرېزىدېنتى لى مىيوڭباك ئارقىدىن جىددىي بىخەتەرلىك يىغىنى ئاچتى. كورىيەنىڭ ۋەزىپىگە چىقىش ئالدىدىكى پىرېزىدېنتى پاك گۈنھى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدا بۇ ئىشقا ئالاقىدار دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، كورىيە بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەنگە ئالاقىدار ئاخباراتنى نازارەت قىلىشنى بىر دەرىجە ئۆستۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە