باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەۋجىگە چىقىۋاتقان «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتى

2013.02.07 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق ئولىمپىك كەنتى كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى يالغۇز قېرىلار، مېيىپلەر ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە چاغانلىق مەسنەۋى تارقىتىپ بەرمەكتە. (ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ مىڭخاۋ خەۋىرى، شۈ يې فوتوسى)
  نۆۋەتتە دېھقان دوستلارغا مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋە سەھىيەنى يەتكۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازارلار ۋە يېزىلاردا قىزغىن قانات يېيىۋاتىدۇ.

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى «جۇڭگو ئارزۇسى-مەدەنىيەتلىك بېيجىڭ» 2013-يىل چاغانلىق مەسنەۋى يىغىش-باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، 30 نەچچە مىڭ چاغانلىق مەسنەۋى ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان 10 پارچە ئېسىل مەسنەۋى داڭلىق خەتتاتلار تەرىپىدىن يېزىلىدىغان ھەمدە 100 نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىلىپ، ھەرقايسى رايون، ناھىيە ئاھالىسىنىڭ قولىغا ھەقسىز يەتكۈزۈلىدىغان بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى چاغانلىق مەسنەۋى توپلاش پائالىيىتىگە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم 31180 پارچە مەسنەۋى تاپشۇرغان.

 
 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۆكخوتنىڭ شەرقىي ۋوگزالىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان K618 قېتىملىق پويىزنىڭ ھەممە يىرىگە بايراملىق پانۇسلار لىققىدە ئېسىلغان، ئوتقاشتەك لىنتىلار تارتىلغان بولۇپ، ۋاگونلار چاغان شاتلىقىغا پۈركەنگەنىدى. پويىز خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرى تەييارلاپ ئورۇنلىغان نومۇرلىرى يولۇچىلارغا شاتلىق بېغىشلاپلا قالماي، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە ئىللىق ئاتا قىلدى. )ئۆز مۇخبىرىمىز خې يۇڭ فوتوسى.)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە