باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2013.02.13 18:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 12-فېۋرال چاۋشيەننىڭ شۇ كۈنى 3-قېتىملىق يەر ئاستى يادرو سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن يېڭى يادرو سىنىقى قىلدى، بۇ قىلمىش-خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنى ئەيىبلىشى كېرەك دېدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شېنزو بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى-ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت، ياپونىيە بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايدۇ، چاۋشيەنگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدۇ دېدى.

  كورىيە پىرېزىدېنتىنىڭ دىپلوماتىيە، بىخەتەرلىكنى قوغداش باش كاتىپى چۇن يۇڭۋو بايانات ئېلان قىلىپ، كورىيە چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا ھەرگىز چىداپ تۇرالمايدۇ، بۇ-كورىيەنىڭ ئىزچىل ۋە ئېنىق پىرىنسىپى. كورىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ دېدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاشكارا ھەم ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، مەن مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بۇ قىلمىش پەيدا قىلغان سەلبىي تەسىرگە بەك دىققەت قىلدىم، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە