باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن «چولپان» يۈرۈشلۈك سۈنئىي ھەمراھ ۋە يىراق مۇساپىلىق راكېتانى داۋاملىق قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى

2013.02.13 18:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى 11-فېۋرال پىيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن، چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ۋە ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيدىكەن ھەمدە «چولپان» يۈرۈشلۈك يەرشارى سۈنئىي ھەمراھى ۋە «قۇدرەتلىك» يىراق مۇساپىلىق راكېتانى داۋاملىق قويۇپ بېرىدىكەن.

  قاراردا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: «چولپان» يۈرۈشلۈك يەرشارى سۈنئىي ھەمراھى ۋە «قۇدرەتلىك» يىراق مۇساپىلىق راكېتانى داۋاملىق قويۇپ بېرىش ھەمدە چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسىدىن يۈكسەك جىددىي ھالەتنى ساقلاپ، بۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلىش تەلەپ قىلىندى. قاراردا يەنە: پۈتۈن خەلق 15- ئىيۇن ئورتاق خىتابنامىسى ۋە 4-ئۆكتەبىر خىتابنامىسنى ئادا قىلىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە