باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بانكېمون تۈركىيە سۇرىيە چېگراسىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2013.02.13 18:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون 12-فېۋرال باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ھەمدە سۈرىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.

  باياناتتا بانكېمون قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى، يارىدار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىغىلى بولمايدۇ. بانكېمون مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: مەن سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگىچە كېڭەيگەنلىكىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىمەن ھەمدە توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، زوراۋانلىق كۈچى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە