- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئادىل جامال ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
2013.01.24 16:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ، فوتوسى : 14-يانۋاردىن 20-يانۋارغىچە ، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتى ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئادىل جامال ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسنى ئۇيۇشتۇردى .
ئادىل جامال 1979-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇما ناھىيە كېلياڭ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ گۈزەل سەنئەتكە ئىشتىياق باغلاپ 2003-يىلى 6-ئايدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن ، كەسپىي رەسساملىق بىلەن شوغۇللانماقتا .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا تويۇنغان بولۇپ ، خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە ئۇدا بەش قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىسىگە 50 پارچە ئەسەر قويۇلغان بولۇپ ، كۆرگەزمىنى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كۆردى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە