باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

زەپەرئابلىز __ ئۇلۇغۋار غايە، قەتئىي ئىرادە ئارقىلىق زەپەر قۇچقان ھايات

2016.08.19 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زەپەر ئابلىز ( ماتىرىيال سۈرەت)

  ئۈرۈمچىدە دەم ئېلىۋاتقان زەپەر ئابلىز 16 – ئاۋغۇست خىزمەت بىلەن يەنە بېيجىڭغا ماڭدى. زەپەر دەم ئېلىشقا كەلدىم دېگىنى بىلەن، بەزىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىسە، بەزىدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ مۇھاكىمىگە قاتناشتى، ئۇ بىرەر كۈنمۇ دەم ئالمىدى. دېمەك ئۇنىڭ دەم ئېلىشىنىڭ خىزمەت قىلغان بىلەن ھېچقانچە پەرقى بولمىدى. بېيجىڭغا مېڭىشتىن بۇرۇن زەپەر: ‹‹ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ قىلىدىغان ئىشلىرىمنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن››، دېدى.

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ ‹‹شيېخې›› تېببىي ئىنستىتۇتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹ئاكادېمىيە – ئىنستىتۇت›› دەپ ئېلىندى) دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور يېتەكچىسى، ‹‹ئاكادېمىيە – ئىنستىتۇت›› ئىلىم – پەن كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دورا تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دورا ۋە مېتابولىت ئانالىزى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەبىئىي دورا ئاكتىپ ماددىسى ۋە فۇنكسىيەسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان مۇتەخەسسىس، بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ... مانا قاراڭ، زەپەر ئابلىزنىڭ كەسپىيلىكى كۈچلۈك بۇ ‹‹ئەمەل››لىرىگە، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئالدىراش كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

  يۇرت مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان جاي

  زەپەر ئابلىز ھەر قېتىم يۇرتىغا قايتىپ كەلگىنىدە، شۇنچىلىك يېقىملىق ھەم تونۇش ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى قوشنىلىرى بىلەن، ھېلىھەم ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ، قوشنىلىرى ھەر قېتىم ئۇنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى ئىشلىرىنى سۆزلىسە، ئۇ ھېلىھەم ئەسلىيەلەيدۇ. زەپەر ئابلىز شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى، بۇ يەردىكى كىشىلەر ۋە ئىشلار زەپەر ئابلىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىغا شاھىتتۇر.

  1985 – يىلى زەپەر ئابلىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ مەكتەپتە قالغىنىغا ئىككى يىل بولغان ۋاقىت ئىدى. ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم ياش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن غوللۇق 15 ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ ياپونىيەدە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى، زەپەر ئابلىز دەل شۇلارنىڭ قاتارىدا ياپونىيەگە بىلىم ئاشۇرۇشقا باردى. 1988 – يىلى زەپەر ئابلىز ياپونىيە توخو ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ياپونىيەگە قايتا ئوقۇش ئۈچۈن باردى ۋە ياپونىيەدە پىروفېسسور ئائوكىغا ئەگىشىپ بىرىكمە خىمىيە تەتقىقاتىغا كىرىشتى. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زەپەر جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە بېيجىڭ ‹‹شيېخې›› تېببىي ئىنستىتۇتى دورا تەتقىقات ئورنىغا كىرىپ، پىروفېسسور فاڭ چىچېڭغا ئەگىشىپ پوست دوكتورلۇق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ زەپەر ئابلىزنىڭ شىنجاڭدا تۇرىدىغان ۋاقتى تېخىمۇ ئازلىدى.

  لېكىن ئۇ ھەر قېتىم شىنجاڭغا قايتىپ كەلگىنىدە، بۇ يەردىكى كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇ قېتىم قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇ يەنە قىلىدىغان كۈندىلىك ئىشلىرىنى قاتار تىزىۋېلىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ تەبىئىي پەن خىمىيە تەتقىقات ئورنىدىكى كەسىپداشلىرى، ئىزباسارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن سىرت، يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەڭرىتاغ ئالىمى سالاھىيىتى بىلەن لېكسىيە سۆزلەشنى ئۇنتۇمىدى.

  زەپەر ئابلىز پەن تەتقىقاتى جەھەتتە يۇرتى شىنجاڭنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. ئۇ ياپونىيەدىن يېڭى قايتىپ كەلگەن چېغىدا، ياپونىيەلىكلەر دائىم ئىشلىتىدىغان گىرېلكىنى ‹‹دورىلىق گىرېلكا››غا ئۆزگەرتتى. ‹‹ياپونىيە ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇ، ياپونىيەلىكلەر ئاساسەن يالاڭ كىيىنىدۇ، گىرېلكا ئىشلىتىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىسسىنىش ئۇسۇلى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ گىرېلكىسى يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ››، زەپەر ئابلىز بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ياپونىيەلىكلەرنىڭ گرېلكىسىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ياسىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىچىگە بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدىغان ھەم ئاشقازاننى ئىسسىق تۇتىدىغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى سېلىپ، سىناق قىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  2014 – يىلى 6 – ئايدا، زەپەر ئابلىز شىنجاڭدىكى ئىككى كەسىپدىشى بىلەن ھەمكارلاشقان تۈر يېڭى دورا كىلىنىكا تەستىقىغا ئېرىشتى. بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشىگە 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر ئىش سەۋەب بولدى. ئەينى چاغدا، زەپەر ئابلىزنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭغا يۇرتىدا ئېلىشىپ قالغان كىشىلەرگە كېۋەزنىڭ غوزىسىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. زەپەر ئابلىز ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇنىڭغا بەكمۇ قىزىقىپ، ھەر خىل تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاددىي سۆسۈن رەڭلىك كېۋەزنىڭ غوزىسىنىڭ تەركىبىدە مېڭىنى تىنچلاندۇرىدىغان ۋە ساغلاملاشتۇرىدىغان بىر خىل ئېلېمېنت بارلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 28 يىلدا، زەپەر ئابلىز مەيلى شىنجاڭدا، ياكى بېيجىڭدا بولسۇن كېۋەز غوزىسىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا، زەپەر ئابلىز ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئاخىرى كېۋەزنىڭ غوزىسىدىن ئانتوكسانتىن تۈرىدىكى ئۈنۈملۈك قىسمىنى ئايرىپ چىقتى ھەمدە بۇ خىل ماددىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ ئالجېئمېر كېسىلىگە شىپالىق بېرىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇلتۇر ئادەم بەدىنىدە سىناق قىلىش تەستىقىغا ئېرىشتى ھەم ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلغان دورىسى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بەش تۈرىگە كىرگەن بىردىنبىر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىغا ئايلاندى. تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالغان دورا ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئالجېئمېر كېسىلىنى داۋالاشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.

  پەن – تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كىلىنىكا دورىسىغا ئايلاندۇرۇش ۋە بۇ نەتىجىلىرىنى شىنجاڭنىڭ كارخانىسىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش زەپەر ئابلىزنىڭ ئارزۇسى. زەپەر ئابلىز مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭنىڭ كارخانىسىغا ئۆتۈنۈپ بەرسەم، بىرىنچىدىن نامراتلارنى يۆلىگىلى، ئىككىنچىدىن مۇھىت ئاسرىغىلى بولىدۇ، بۇ نەرسە شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە بار، يۇرتداشلىرىمغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن››. ھازىر ئۇ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن يېڭى دورىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بەردى، زەپەر ئابلىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدى، بىر قاتار كىلىنىكىلىق سىناقلاردىن كېيىن، يېڭى دورىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانىنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ ناھايىتى خاتىرجەم بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبى ئەزەلدىن ياخشى كۆرىدىغان بۇ زېمىندىن، بۇ جايدىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەردىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس.

  داۋالاش ئىشلىرىنى تېخنىكىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش

  زەپەر ئابلىز ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، شۇنداقلا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى 20 نەچچە يىل مابەينىدە، ماسسا سپېكتر ئانالىزىنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ۋە يېڭى قوللىنىش يولى تەتقىقاتى ۋە بۇ تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەلدى. مۇشۇنداقلا دېسەك، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ. لېكىن ئۇ تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. زەپەر ئابلىز ئاددىيلاشتۇرۇپ مۇنداق چۈشەندۈردى: ‹‹ماسسا سپېكترى ماددىنىڭ مولېكۇلا ماسسىسىنى ئۆلچەيدىغان، مولېكۇلىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئىگىلەشتىكى ئانالىز قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئىلمى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق جىسىم تەركىبىدىكى ماددىلارنى ئانالىز قىلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، چاينى ئالايلى. بىز تۈرلۈك خىمىيەۋى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، چاي يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە قانداق ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقىنى ئانالىز قىلىمىز، كېيىنكى قەدەمدە بۇ ئېلېمېنتلاردىن پايدىلىنالايمىز››.

  زەپەر ئابلىز تەتقىقات ھاياتىدا، كىچىك مولېكۇلا تەتقىقاتى ئۈچۈن سىجىل ئىزدىنىپ كەلدى. 1985 – يىلى چەت ئەلدە ئوقۇغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىلدا، ئۇ ماسسا سپېكترى ئانالىزى تېخنىكىسى تەتقىقاتىدىن ئايرىلمىدى.

  پەن – تېخنىكا ئاخىرىدا كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىلىنىدۇ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ غايەت زور قىممىتىنى نامايان قىلالايدۇ. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ تېما گۇرۇپپىسىغا باشلامچىلىق قىلىپ، تەبىئىي دورىلارنىڭ ئاكتىپ ماددا گۇرۇپپىلىرىدىكى مۇرەككەپ سىستېمىلىق ماسسا سپېكتر ئانالىزى ئۇسۇلى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل ماسسا سپېكتر ئانالىزى ئۇسۇلىنى بەرپا قىلدى. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنىڭ مېتابولىزم ئانالىز ئۇسۇلى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى راك كېسىلىنى تەكشۈرىدىغان يېڭى ئۇسۇلنى تاپتى. 2015 – يىلى 10 – ئايدا، خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ماسسا سپېكتروسكوپى خېرىدارلار مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدىكى ‹‹ۋۇجۇ›› مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە، ئۇيغۇرلاردىن چىققان ماسسا سپېكتىرى ئىلمى مۇتەخەسسىسى زەپەر ئابلىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا ماسسا سپېكتىرى ئىلمى ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ‹‹بىز 2007 – يىلىدىن باشلاپ يېڭى تەتقىقات يۆنىلىشى، يەنى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ مېتابولىزم ئانالىز ئۇسۇلى تەتقىقاتىنى يولغا قويدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسىتىمىز بۇ كىچىك مولېكۇلا ۋە كېسەللەرنىڭ ئانالىز ئۇسۇلىنى بايقاپ، كېسەللەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە ئاساسەن ئالاقىدار كىچىك مولېكۇلىلار بەلگە ماددىسىنى باھالاپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئالايلى، بەزى مولېكۇلىلار نورمال جاي ۋە راك بولغان جاينى ناھايىتى ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ. ھەتتا تەتقىقاتتا، ئۇنىڭ بۇلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا راك كېسىلىنى تىپلارغا ئايرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق، مەسىلەن: ئوخشاش ئۆپكە راكىنى ئەمەلىيەتتە يەنە تەڭگىچە راك ۋە بەز راكى دەپ ئايرىغىلى بولىدۇ، مولېكۇلىلار ئارقىلىق بۇ ئىككىسىنى ئايرىغىلى بولامدۇ؟ يامان سۈپەت دەرىجىسىنىمۇ ئايرىغىلى بولامدۇ؟ دەسلەپكى تەتقىقاتىمىزدا بايقىلىشىچە، بۇنىڭغا تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا بولىدۇ››، دېدى زەپەر ئابلىز.

  بىر قېتىملىق ئاددىي سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەسلەپكى مەزگىلدىكى راك كېسىلىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار پەن تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن خۇش خەۋەر. زەپەر ئابلىز مۇنداق دېدى: ‹‹تېببىي تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلىدى، مەسىلەن، يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ۋە يۈرەك كېسىلى دېگەندەك. لېكىن راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، راك كېسىلىمۇ ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى مەزگىلدە بايقىلىۋاتىدۇ. بۇ تېخنىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، كىشىلەر راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىنالايدۇ››. ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئانالىز قىلىش جەريانىدا، زەپەر ئابلىز تەتقىقات كوللېكتىپىنى باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۈستىدە بىر قاتار ماسسا سپېكتر ئانالىزى تەتقىقاتى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى، 2009 – يىلى ئۇ ‹‹تەبىئىي ھاسىلاتلارنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسى›› ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇردى، بۇ كىتاب مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ پەن تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتىنىڭ تەبىئىي پەن مۇكاپاتى بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  ھازىر زەپەر ئابلىزنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات كوللېكتىپى دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشقا پەن تەجرىبىخانىلىرى، بېيجىڭ ‹‹شيېخې›› دوختۇرخانىسى ۋە جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى نازۇك ئەسۋابلار فاكۇلتېتى، ماسسا سپېكتروگرافى قاتارلىق ئىلىم – پەن ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. بۇنداق پەنلەر گىرەلەشگەن ئىلمىي تەتقىقات ھەمكارلىقى ئەندىزىسىدە ھەم ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ھەم ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇندىلا تېخىمۇ مول ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  پەن تەتقىقاتقا ئۆزىنى بېغىشلاش، مائارىپ ئۈچۈن ئەجىر قىلىش

  زەپەر ئابلىز 30 يىل پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، 2014 – يىلى سېنتەبىردە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىقىغا تەيىنلىنىپ، مائارىپ مەمۇرىي ئىش ئورنىغا چىقتى. زەپەر ئابلىز مۇنداق دېدى: ‹‹شۇنچە ئۇزاق يىل ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم، مەن ئىش قىلىشتا بىر قەدەر ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان، شۇڭلاشقا مەن بۇنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە تەتبىقلىغاندىن كېيىن ئىشلار بىر قەدەر يۈرۈشتى، مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم ماڭا چاقچاق قىلىپ: زەپەر باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىي تەتقىقات پەدىسىدە قىلىدۇ، دېيىشىدۇ››.

  ئەمەلىيەتتە، زەپەر ئابلىز كۆپ قېتىملىق زىيارەت داۋامىدا، ئۆزىنىڭ جۇڭگودا پۇقراۋى ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىردەملىك ھېسسىياتى ئەمەس. زەپەر ئابلىز 1989 – يىلى مەتبۇئاتتا ‹‹مائارىپ بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ نېگىزلىك كەسىپ›› دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغانىدى. ئۇ: ‹‹20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا، ياپونىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سانى ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ %70ى 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان. ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىرادىلىك زاتلار مائارىپقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ پۇقراۋى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قۇرغانىدى››، دېدى.

  زەپەر ئابلىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ كەنتېر ئېيتقان ‹‹ئادەم پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا ئادىمىيلىكنى تاپىدۇ›› دېگەن سۆزىنى تولىمۇ ياقتۇرىدىكەن. زەپەر ئابلىز 30 يىلدىن بۇيان، پەن تەتقىقاتقا ئۆزىنى بېغىشلاش بىلەن بىللە، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

  زەپەر ئابلىز پەن تەتقىقات جەريانىدا ئېھتىياتچان، ئىنچىكە بولۇپ، ئۇ پەن تەتقىقات پوزىتسىيەسى ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىدىيەسى جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. زەپەر ئابلىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ رۈيپىڭ: ‹‹زەپەر مۇئەللىم يەتكەن يۈكسەكلىككە بىز يېتەلمەيمىز، ئۇ بىزنىڭ يولباشچىمىز، ئۇ بىزگە ئاتا – ئانىمىزدەك مەسئۇل بولدى ۋە بىزگە نىشان كۆرسىتىپ بەردى››، دېدى. ھازىرغا قەدەر زەپەر ئابلىز 26 دوكتور، بەش ماگىستىر، بىر پوستدوكتورنى تەربىيەلەپ چىقتى. 2006 – يىلى زەپەر ئابلىز جۇڭگو ‹‹شيېخې›› تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولۇپ باھالاندى.

  بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن زەپەر ئابلىز پاراسەت ۋە كۈچكە تولغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەن – تېخنىكا تۈرى ‹‹863›› پىلان تۈرىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، شۇنداقلا تۇنجى تۈركۈمدىكى ‹‹يېڭى ئەسىردىكى يۈز، مىڭ، ئون مىڭ ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى››نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نامزاتى بولۇپ قالدى. گەرچە زەپەر ئابلىزنىڭ 30 نەچچە يىللىق ئىلمىي تەتقىقات ھاياتى پايانسىز ئىلىم – پەن دېڭىزىدىكى تامچە سۇ بولسىمۇ، زەپەر ئابلىزغا ئوخشاش ئىنسانىيەت سىرىنى ئېچىپ، ئەلگە بەخت يارىتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار بولغاچقىلا، ئېلىمىزنىڭ تېببىي ۋە دورىگەرلىك كەسپى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر