باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا ئەللىرىنىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مىڭباسا نايروبى تۆمۈر يولى تۈرىنى ماختىدى

2016.08.18 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئافرىقىدىكى 13 دۆلەتنىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى 16-ئاۋغۇست جۇڭگو شىركىتى ھۆددىگە ئىلىپ قۇرغان كېنىيەنىڭ مىڭباسا نايرۇبى تۆمۈر يولى تۈرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كېنىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، زىمبابۇۋىنىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەيلەيبوت، ئىنكىمانى مۇنداق دېدى: مىڭباسا نايرۇبى تۆمۈر يولى كېنىيە ۋە پۈتكۈل شەرقىي ئافرىقا رايونىغا غايەت زور ئىقتىسادى ئىجتىمائىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان مۇھىم تۈر.

  مىڭباسا نايرۇبى تۆمۈر يولى شەرقتىن كېنىيەنىڭ مىڭباسا پورتىدىن باشلىنىپ غەربتە پايتەخت نايرۇبىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، كېنىيە يۇز يىلدىن بۇيان قۇرغان تۇنجى تۆمۈر يول، شۇنداقلا شەرقىي ئافرىقا تۆمۈر يول تورىنىڭ باشلىنىش بۆلىكى. بۇ تۈرگە 3 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ %90 نى جۇڭگو ئىمپورت ئېكسپورت بانكىسى ئېتىبارلىق قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر