- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
روسېف كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچدا ئەيىبلەش دېلوسىنى ئىنكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2016.08.18 15:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋەزىىپىسىدىن توختىغان بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسېف 16-ئاۋغۇست پۈتكۈل خەلققە ۋە كېڭش پالاتاسىغا ئاسكارە خەت يېزىپ، كېڭىش پالاتاسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا ئەيىبلەش دېلوسىنى ئىنكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
روسېف خېتىدە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە خەلقنىڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلىشىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ھۆكۈمەتتە ئەيىبلەنگەندەك مالىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئىشى يوق، مەن ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقتەك جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم، مەن گۇناھسىز دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر ۋەزىپەم ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە، مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇمەن.
روسېف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئەيىبلەش دېلوسىنىڭ يۈز بېرىشى، بىرازىلىيەدە تۈزۈم جەھەتتە ئېغىر مەسىلە ساقلانغانلىقىنى، بىر مەيدان كەڭ دائىرىدە ۋە چوڭقۇر سىياسىي ۋە سايلام ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر