- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياپونىيەنىڭ قىسمەن ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ ياسۇكۇنى مازىرىنى تاۋاب قىلىشقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
2016.08.18 09:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 15- ئاۋغۇست ياپونىيەنىڭ قىسمەن ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ ياسۇكۇنى مازىرىنى تاۋاب قىلىشقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
بىر مۇخبىر، 18- ئاۋغۇست ياپونىيەنىڭ قىسمەن ئىچكى كابېنت ئەزالىرى ياسۇكۇنى مازىرىنى تاۋاب قىلىشقا قاتناشتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى كۆمۈلگەن، ھەمدە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پەردازلايدىغان ياسۇكۇنى مازىرىنى تاۋاب قىلىشى ياپونىيە ھۆكۈمېتىنىڭ تارىخىي مەسىلىلەرگە بولغان خاتا مۇئامىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەكىس ئەتتۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنى ئۆتمۈشتىكى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراش ۋە ئويلىنىشقا، مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر