باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيەدە بىر ماي پاراخوتى يوقاپ كەتتى

2016.08.18 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيا دېڭىز ئىشلىرى قانۇن ئىجرا ئاپپاراتى 17-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: بىر ماي پاراخوتى مالايسىيا پورتىدىن يولغا چىققاندىن كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى، بەلكى بۇلانغان بولۇشى مۇمكىن.

  مالايسىيا دېڭىز ئىشلىرى قانۇن ئىجراسى ئاپپاراتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتقا ئاساسەن بۇ ماي پاراخوتى مالايسىيانىڭ جەنۇبىدىكى جوخور ئىشتاتىدىكى بىر پورتتىن يولغا چىققان، ئۇنىڭغا 390مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە تەخمىنەن900مىڭ لىتىر دىزېل قاچىلانغان.

  دېڭىز ئىشلىرى قانۇن ئىجرا ئاپپاراتى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئاقتۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى شۇنداقلا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ماي پاراخوتى ھىندونېزىيەدىكى بادەن پورتىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىگە بۇلاپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇلاڭچىلارنىڭ سالاھىيىتى تېخى ئېنىق ئەمەس دېدى.

  مالاككا بوغۇزى ھىندى ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان تىرانسپورت يولى، ئۇزاقتىن بېرى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ پاراخوت بۇلاش ۋەقەلىرى پات پات يۈز بېرىپ تۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى مالايسىيە، سىنگاپور ۋە ھىندونېزىيە بىرلىشىپ چارلاپ، دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك توستى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر