پائالىيەتتە ئانىلارغا مەدھىيەلەر ئوقۇلدى، مېھرىبان ئانىلارنىڭ نەچچىمۇ يىللاردىن بۇيان جەمئىيىتىمىزدىكى ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئانىلارغا خاس مۇھەببىتىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە چېچىۋاتقانلىقى تەرىپلەندى. پائالىيەت جەريانىدا ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم خانىم تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇنەۋۋەر ئانىلار»نى توردا باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پىدائىيلىرى بۇ ئانىلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە كۆڭۈل سوۋغىسىنى تەغدىم ئەتتى، پائالىيەت ئاخىرىدا ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.