باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

تام كروس باش رول ئالغان يېڭى فىلىم ‹‹يوقالغان چېگرا›› قويۇلۇشقا باشلىدى

2013.05.13 14:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 10-ماي تېلېگراممىسى: داڭلىق رېژىسسور جوسېپ كوسىنسكى رېژىسسورلۇق قىلغان، داڭلىق ئارتىس تام كروس باش رول ئالغان فانتازىيەلىك فىلىم ‹‹يوقالغان چېگرا›› 10-مايدىن باشلاپ جۇڭگودا قويۇلۇشقا باشلىدى.

  فىلىمن دۆلەت ئىچىدە تارقىتىشقا مەسئۇل ئېدكو فىلىم شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹يوقالغان چېگرا›› ناملىق فىلىمدا مىلادىيە 2077-يىلى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، يەر شارى تاشقى پېلانت ئادەملىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى يادرو رادىياتسىيەسىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىپ، ئىنسانلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ باشقا پىلانتلارغا كۆچۈشكە باشلايدۇ. ئەمما جېك خاب (تام كروس) ئەڭ ئاخىرقى بىر يەر شارىدا مۇداپىئەدە تۇرىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ رېمونتچىسى بولۇپ، يەر شارىنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئۇ تاساددىپىي ئەھۋالدا سىرلىق قىز ـــ جۇلىيا (ئولگا كۇريلېنكو) بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ھەمدە مۇھەببەتنى قالغان قىلىپ خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.

  فىلىمنىڭ رېژىسسورى جوسېپ كوسىنسكى مۇنداق دەيدۇ: ھېكايىدىكى ۋەقەلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى رەھىمسىز رېئاللىققا يۈزلىنىشتىكى ساداقەتمەنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ.

  جوسېپ كوسىنسكى مۇستەقىل كۆرۈش سېزىمى ئۇسلۇبىغا تايىنىپ ھوللىۋودتىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئىقتىدارلىق رېژىسسورلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 2010-يىلى ئۇ دىسنىي شىركىتى ئۈچۈن ئىجرائىيە رېژىسسولرۇق قىلىپ بەرگەن ‹‹كەشپىيات . ئۇرۇش خاتىرىسى›› ناملىق فىلىمنىڭ يەر شارى مىقىياسىدىكى بېلەت كىرىمى 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ‹‹ئوسكار ئالتۇن مۇكاپاتى›› قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە