يېقىندا، پېتىرنىڭ ئەنجىلىنا جۇلىنى تارتقان بىر يۈرۈش رەڭسىز سۈرەتلىرى توردا ئاشكارىلاندى. تاراتقۇلارنىڭ دييىشىچە، بۇ بىر يۈرۈش رەڭسىز سۈرەتلەرنى پېتىر 2008-يىلى «مودا» ژۇرنىلىدا جۇلىنى مەخسۇس تېما قىلغان سەھىپە ئۈچۈن تارتقان ئىكەن. بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر ئىچىدە، پېتىر ئادەتتىكى بىر ئەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى بويىچە، ئەنجىلىنانىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپچىلىككە ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئانجىلىنانى نامايان قىلغان.