- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خۇنەن ساڭجىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىدە ئېگىز ۋە تىك يارلاردىكى ئاسمانپەلەك شوتىلارغا يامىشىپ مەكتەپكە بارىدىكەن(1)
2013.05.10 14:19 مەنبە: خەلق تورى
خۇنەن جاڭجياجې ساڭجى ناھىيەسى جاڭجىياۋەن كەنتىدىكى يۈ چىيۈن قېرىنداشلار، ھەر ھەپتىدە ئېگىز ۋە تىك يارلاردىكى ئاسمانپەلەك شوتىلارغا يامىشىپ مەكتەپكە بېرىپ كېلىدۇ. يېقىندا، مۇخبىر يۈ چىيۈن قېرىنداشلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن بۇ خەتەرلىك «ئىلىم ئۆگىنىش» يولىنى كۆرۈپ باققان بولۇپ، بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭىدىغان تاغلىق يولدا، ئاسمانپەلەك شوتىلا ئەمەس، يەنە تىك يارلارنىڭ تار جىلغىلىرى، نەم تېيىلغاق تاشلار ۋە سازلىقلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرگەن، يۈ قىز ئىنتايىن چىۋەر بولۇپ بىردەمدىلا «ئاسمانپەلەك شوتا»غا يامىشىپ چىقىپ بولغان. بۇ ئىككى ياغاچتىن ياسالغان شوتىنىڭ ئېگىزلىكى نەچچە ئون مېتىر كېلىدىكەن. (جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ياڭ خۇافېڭ تارتقاتقان)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە