باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2013.05.13 08:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 8 – ماي ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلىرى 8 – مايدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، مۇسابىقىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 30 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە شىنجاڭ «شىنجيالوڭ» مەبلەغ سېلىش شېركىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى بولغان بولۇپ، بۇ شېركەت مۇسابىقە جەريانىدا «پۇقرالار ئاپتوموبىل شاھى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يېڭىچە مەزمۇن قاتىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016 – يىللىق مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مانىۋېرى بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى يەنە ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يېپىلىش مۇراسىمىدا 20 كلومېترغا سوزۇلغان «بايراق يەتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مۇسابىقىنى سايباغ، تەڭرىتاغ، بۇلاقتاغ رايونلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.(دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە