خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاپرېل، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالاھىيەت مىزانىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋاقتىنى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە ئۇزارتتى، 2021-يىلى 7- ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن ھەرقايسى تۈرلەردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تىزىملىكى بېكىتىلىدۇ.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 33 چوڭ تۈردىكى خەلقئارا يەككە تۈر تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مىزانغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت سىستېمىسىنى تېزدىن بېكىتىپ، بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايون ئولىمپىك كومىتېتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىققا ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئاخىرلاشتۇرۇش كۈنىدىن بۇرۇن، ھەر قايسى تۈرلەر ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋاقتىنى بېكىتسە بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ %57ى بېكىتىلدى، 5000 دەك قاتنىشىش ئورنى تەقسىم قىلىنمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ