مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسېي شىتاتىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 6 ئادەم ئۆلدى

2019.12.12 13:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ جېرسىي شەھىرىدە شۇ جاي ۋاقتى 10- چېسلا چۈشتىن كېيىن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى ئوقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئادەم ئۆلگەن.

  جېرسىي شەھەرلىك ساقچى تەرەپ ۋە شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقچى ئاۋۋال بىر قەبرىستانلىقتا بىر ساقچىغا ئوق چىقارغان، ئارقىدىن بىر يېمەكلىك دۇكىنىغا كىرىپ، ساقچىلار بىلەن ئېتىشقان. قەبرىستانلىقتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچى ئۆلگەن، يېمەكلىك دۇكىنىدىكى ئېتىشىشتا ئىككى ئوقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئادەم قازا قىلغان، يەنە ئۈچ ساقچى ۋە بىر پۇقرا يارىلانغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، زور بىر تۈركۈم ساقچىلار ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار نەق مەيداننى قامال قىلغان ھەمدە ئوقچىلار بىلەن ئېتىشقان، نەق مەيداندىن ئوق ئاۋازى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرغان.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئىسپىرت، تاماكا، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋەقەنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلماقتا ئىكەن. جېرسىي شەھەرلىك بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئېتىشىش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەت يوق.

  جېرسىي شەھىرى بولسا، يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى 2- چوڭ شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەر مۇشۇ ئىشتاتنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقانكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ