خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2019- يىللىق دۇنيا بەزگەك كېسىلى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە بەزگەك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ئۆتكەن 10 يىلدا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلگىرىلەش ئاستا بولماقتا، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن بەزى ھالقىلىق نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 2018- يىلى دۇنيا بويىچە بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار يەنىلا 228 مىليونغا يېتىپ، 2017- يىلىدىكى 231 مىليونغا سېلىشتۇرغاندا سەل تۆۋەنلىگەن؛ بەزگەك كېسىلى دۇنيا بويىچە كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى 2010- يىلىدىكى ھەر مىڭ ئادەمدە 71 دىن 2014- يىلىدىكى 57گە چۈشكەن، لېكىن، 2018- يىلىغا بارغاندا يەنىلا يېقىن سەۋىيەدە توختاپ قالغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا بويىچە بەزگەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتىمۇ ئاستىلىغان، 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى 2010- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۆۋەن بولغان ھەمدە 2018- يىلى دۇنيا بويىچە بەزگەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى بەش ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلار بولغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۈزلىنىشكە ئاساسەن، دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا، دۇنيا بويىچە بەزگەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى 2015- يىلىدىكىدىن %40 تۆۋەنلىتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە خىزمەت پىلانىنىڭ نىشانى بولسا، 2025- يىلىغا بارغاندا، بەزگەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىمالى بولغانلارنىڭ يېرىمىنى ئازايتىش بولۇپ، بۇ، ب د ت نىڭ سىجىلچان تەرەققىيات نىشانىدىكى 2030- يىلىدا دۇنيادا مىقياسىدا بەزگەكنى تۈگىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى نىشاننىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بەزگەك كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەتلەردىكى يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەسسىلەپ تىرىشىش كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى. لېكىن، ھازىر مەبلەغ يېتىشمەسلىك يەنىلا ئاساسلىق توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا. 2018- يىلى، بەزگەك كېسىلىنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىشقا ئىشلىتىلگەن مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 2 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ، دۇنيا بويىچە 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ توپلاش نىشانىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى