مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەستە قۇرۇلدى

2019.11.29 14:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ياۋروپا پارلامېنتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى (Ursula von der Leyen) ئۇرسۇلا ۋوندېرلېيېن رەئىسلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزالىرى ئىسىملىكىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىشىغا يول ئېچىپ بەردى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەسلى 11-ئاينىڭ بېشىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالماقچى ئىدى، ئەمما كومىتېت ئەزالىرى نامزاتلىرى بىر مەھەل ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇددىتى ئامالسىز كېچىكتۈرۈلدى، بۈگۈنكى كۈندە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئاخىرى تەشكىللەندى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، رەقەملىك دەۋرگە ماسلىشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە ياۋروپا ـ ئامېرىكا، ياۋروپا ـ ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتى چوقۇم يېڭى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنى سىنايدىغان قىيىن مەسىلە بولىدۇ.

  بۇ يىل 7-ئاينىڭ بېشىدا ياۋروپا كېڭىشى ۋوندېرلېيىننى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە كۆرسەتتى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تارىخىدىكى بۇ تۇنجى ئايال رەئىسنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش يولى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى.

  ۋوندېرلېيىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشتىن ئىلگىرى ئەزەلدىن سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان شۇنداقلا سايلام رىقابىتى پائالىيىتىگە قاتناشمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆپ بولمىغانلىقتىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى ئۇنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش مۇۋاپىق ئەمەس، ھەتتا قانۇنلۇقلىقى كەمچىل دەپ قارىدى.

  ۋوندېرلېيىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئاۋاز بېرىشتە ناھايىتى ئاز ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە مۇۋاپپەقىيەتلىك سايلاندى، ئەمما ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كوللېكتىپى تەشكىللىگەندە يەنە بىر قېتىم ياۋروپا پارلامېنىتىنىڭ خىرىسىغا ئۇچرىدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھەر بىر ئەزا دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزالىقىغا بىر نامزات كۆرسىتىشى كېرەك، بۇ نامزات ياۋروپا پارلامېنىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك، ئەمما فىرانسىيە، ۋېنگىرىيە ۋە رۇمىنىيە ئەڭ دەسلەپ كۆرسەتكەن نامزاتلار 10-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا رەت قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىۋاتقان ئەنگىلىيە نامزات كۆرسىتىشنى رەت قىلغانلىقتىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 11-ئاينىڭ بېشىدا ئۆز قەرەلىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرالمىدى.

  فرانسىيە، ۋېنگىرىيە ۋە رومىنىيە يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن نامزاتلار يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگىلىيەدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا 27 دۆلەتمۇ ئەنگىلىيەنىڭ نامزات كۆرسىتىشنى رەت قىلىش ئىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولۇشىغا يول قويماسلىقنى قارار قىلدى. بۇ توسالغۇلار تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ۋوندېرلېيىن رەھبەرلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يېڭىدىن ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ئاخباراتىدا ئۈچ تۈرلۈك « يادرولۇق قارالما »نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ــ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، رەقەملىك دەۋرگە ماسلىشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم قارالمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ۋوندېرلېيىنمۇ بۇنى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت قىلدى. بۇ يىل 7-ئايدا، ۋوندېرلېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى نۇقتىلىق بايان قىلدى. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى كىلىمات ئۆزگىرىشى يەنە بىر قېتىم ئۇ ئەڭ كۆپ توختالغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ۋوندېرلىيىن مۇنداق دېدى: كىلىمات ئۆزگىرىشى ياۋروپا شۇنداقلا دۇنيا دۇچ كەلگەن ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، بۇ مەسىلىدە «بىر دەقىقىنىمۇ ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ» ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى خامچوت ئىچىدە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنى تولۇق قوللايدۇ ھەمدە يەر شارىدىكى كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  قانداق قىلغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى رەقەملىك دەۋرگە ماسلىشىش، ھەتتا بۇ جەھەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ۋوندېرليىن ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر يادرولۇق قارالما. ئۇ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: ياۋروپا چوقۇم كىۋانتلىق ھېسابلاش، سۈنئىي ئاقىل، رايون بۆلەك زەنجىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ئۆزەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلىشى كېرەك.

  ئىش ئورنى يارىتىش مەسىلىسىدە، ۋوندېرلېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىقتىسادىنى« خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش»، خەلقنى يۇقىرى سۈپەتلىك خىزمەت بىلەن تەمىنلەش، پۇرسەتنىڭ، خىزمەت شارائىتىنىڭ ئادىللىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدا ئۈچ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى تەسىس قىلىندى ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ئۈچ تۈرلۈك«يادرولۇق قارالما»غا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن«پېشقەدەم سەركەردە» لەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ۋېيىستاگ ئىستىلدا قاتتىق كىشى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى گۇگىل شىركىتىگە ئېغىر جازا بەرگەن.

  سىياسىي دىپلوماتىيە قاتلىمىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىمۇ قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكا ئەلا» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ياۋروپا ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يېرىق پەيدا بولدى، ئەنگلىيەنىڭ«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»ئىشىنىڭ ئۇزاققىچە ھەل بولماسلىقى سەۋەبىدىن ياۋروپا-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى كۆپ ئۆزگىرىپ،مۇرەككەپلىشىپ كەتتى،ياۋروپا ئامېرىكا، ياۋروپا ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ ئېنىقسىزلىققا تولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ