مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى ئابى 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2019.10.12 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى 11- ئۆكتەبىر، 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى ئابى ئەھمەد ئەلىگە بېرىپ، ئۇنىڭ تىنچلىق ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، بولۇپمۇ ئېرىترىيە بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىرىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېرىت رايس ئاندېرسون خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئابى 2018- يىلى 4-ئايدا زۇڭلى بولغاندا، ئېرىترىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ئېرىترىيە زۇڭتۇڭى ئىساياس بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ بىر قاتار پىرىنسىپلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىل بويى «ئىناق ئۆتمەسلىك، ئۇرۇشماسلىق» تەك قاتمال ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

  ئېفىئوپىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئابى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئۇ جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىپ، چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنى ئىشتىن بوشىتىپ، ئاياللارنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئابى يەنە رايون تىنچلىقى مۇساپىسىگە كۈچ چىقاردى.

  بېرىت رايس ئاندېرسون: نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئابىنىڭ تىنچلىق ۋە يارىشىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ