ئىران ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇسى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى سۆز قىلىپ: ئامېرىكا نۆۋەتتە ئىرانغا مىسلىسىز بېسىم ئىشلەتتى، ئىراننىڭ نېفىت توشۇش پاراخوتى ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراھى تەرىپىدىن ئىز قوغلاندى، ھەتتا ئىران يۈك پاراخوتىمۇ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ پورتىدا توختاشقا ئامالسىز قالدى دېدى.
رۇھانى مۇنداق دېدى: ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان، بىراق بۇ ئىراننى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ. ئىران خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ئىشەنچىسى- ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئۇرۇشىنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى. ئىران يېتەرلىك ماددىي ئەشيا تەييارلىدى، ئىران ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ