لى جەنشۇ سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ تۆنۈگۈن خەلق سارىيىدا سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئارشىچ بىلەن كۆرۈشتى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ سەمىمىي دوستى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپلىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان، تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان، ئەل قەلبى تۇتاشقان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، تېخىمۇ زىچ مەنپەئەت ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈۈش، جۇڭگو بىلەن سېربىيە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ