خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مۇلازىمەت سودىسى كۈنسېرى خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھەگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى زور، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قول تۇتۇشۇپ «دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»تەك گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇلازىمەت سودىسى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ باش تېمىسى «ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئەقىل-پاراسەت، يۇغۇرۇلۇش»تىن ئىبارەت. ۋەكىللەر ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا مۇلازىمەت سودىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ