شى جىنپىڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋى بىلەن كۆرۈشتى

2019.05.29 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- ماي خەلق سارىيىدا ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋى بىلەن كۆرۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. مەن ئۆتكەن يىلى زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقاندا ھاسىل قىلغان نەتىجىمىزنى ئىككى تەرەپ ھازىر پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، جۇڭگو-ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو ئەلۋەتتە ۋانۇئاتۇ بىلەن بىرلىكتە ھەر تەرەپلىمە سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ