مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.05.29 08:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سارۋى بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 37 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىنى، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بىز ۋانۇئاتۇ بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسىنى ۋانۇئاتۇنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد-سودا، بېلىقچىلىق، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئۆز كارخانىلىرىنىڭ ۋانۇئاتۇغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، ۋانۇئاتۇغا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو ۋانۇئاتۇغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ. بىز ۋانۇئاتۇنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايمىز، ۋانۇئاتۇ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. جۇڭگو ۋانۇئاتۇنىڭ كېلەر يىلى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ۋانۇئاتۇنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇنىڭ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى. ئىككى تەرەپ يەنە جۇڭگو-ۋانۇئاتۇ بىرلەشمە ئاخباراتى ئېلان قىلىدۇ. سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا سارۋىي شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ