خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- ماي خەلق سارىيىدا نىگېر زۇڭتۇڭى ئىسسۇف بىلەن سۆھبەتلەشتى .
شى جىنپىڭ ئىسسۇفنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو-نىگېر ۋە جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق ئىشلىرىغا كۈچ چىقارغانلىقىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نىگېر ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ ۋە ياخشى قېرىنداشلاردىندۇر. نۆۋەتتە، جۇڭگو-نىگېر ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ئەلۋەتتە نىگېر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ