مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.05.29 08:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يەرمەنكىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مۇلازىمەت سودىسى بارغانسېرى خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ساھەسىگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى. مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ بەھرىمەن بولۇش»نىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە چەتئەل مەبلىغىگە بولغان بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى سودا مۇھىتنى پائال يارىتىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇلازىمەت سودىسىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تەڭپۇڭ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ باش تېمىسى-«ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، پاراسەت، يۇغۇرۇلۇش». مەن ھەر قايسى ۋەكىللەر ۋە مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ