باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا پارلامېنتى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى مەغلۇپ بولدى

2016.04.14 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاپرېل قارار ماقۇللاپ، كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان مۇساپىرلار دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى مەغلۇپ بولدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ قارىدى. ياۋروپا پارلامېنتى شۇ كۈنى ماقۇللىغان قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا مۇساپىرلار ئالدى بىلەن يېتىپ بارغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن بۇ مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئۇلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ مېخانىزمدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا چېگرا ئېغىزلىرى دۆلەتلىرى يولۇقۇۋاتقان غايەت زور بېسىم كۆزدە تۇتۇلمىغان، شۇڭا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئادىللىق، بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىش ۋە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشقا ھەققى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى قارارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر