باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گوگىل شىركىتى كۇبانى ئالاقە تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكچى

2016.03.23 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گۇگېل شىركىتىنىڭ باش شىركىتى «ئالفاۋىت» 21-چېسلا، كۇبانى ئالاقە تورىغا ئۇلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىنلىكىنى، بىراق بۇ ئىشنىڭ تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كۇبادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئالدىنقى كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ پىلاننى ئاشكارىلىدى.

  «ئالفاۋىت» قارىمىقىدىكى «گوگىل ئۇلاش» تارماقلىرىنىڭ كۇبا ئىشلىرى مەسئۇلى بۇلېت پېرمۇت شۇ كۈنى ئورگان بىلوگىدا، ئۆزلىرىنىڭ ھازىر كۇبادا قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيىتىنى تونۇشتۇردى. «گوگىل ئۇلاش» گۇرۇپپپىسى كۇبادىكى بىر مۇزېي بىلەن ھەمكارلىشىپ، گوگىل مەۋھۇم رېئاللىق كۆزەينىكى، يان كومپيۇتېر قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى جامائەتكە نامايان قىلدى. بۇ مەھسۇلاتلار شۇ جايدىكى بىر تور مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلىنىپ، ئالاقە تورىغا ئۇلىنىش مۇلازىمىتى يوق كۇبا خەلقىنى تور بەت كۆرۈش، ئۇچۇر ئىزدەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر