- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىلى بىناكارلىق-قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتنىشىشى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ
2016.03.22 14:07 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
بىناكارلىق-قۇرۇلۇش كەسپىدىكى كەسپكارلار، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشتىكى ھوقۇق - مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كەسپىدە «ھەمدەمدە بولۇش» پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈرلەردىكى %80 تىن يۇقىرى كەسپكارلارنى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،2017- يىلى بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتنىشىشى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كەسپىدە «ھەمدەمدە بولۇش» پىلانى، يەنى «بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كەسپىدە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى مەخسۇس كېڭەيتىش پىلانى» نى يولغا قويۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كەسپىدىكى كەسپكارلارنى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتناشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر