باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشىدىكى جىنايەتچى ئەسلى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى

2016.03.22 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: فىرانسىيە تەپتىش ئەمەلدارى، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان گۇماندار سالاخنىڭ، ئەسلىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتماقچى بولغانلىقىنى، بىراق كېيىن بۇ نىيىتىدىن قايتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

  ئۇ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 18-مارت بېلگىيەدە قولغا ئېلىنغان. بېلگىيە تەپتىش ئىشخانىسى مۇنداق دېدى: سالىخ تېررورلۇق قەستلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە تېررورچى تەشكىلاتقا قاتناشقان دەپ ئەيىبلەندى.

  ئۇنىڭ ئادۋوكاتى، سالىخ بېلگىيە ساقچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى. بىراق بېلگىيە سوتىدىن ئۆزىنى فىرانسىيەنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى. بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن سالىخ بېلگىيەدە تۇغۇلغان فىرانسىيە گراژدانى بولۇپ، قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قېچىپ يۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر