باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2016.03.22 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىللدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھساتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى) نى بېسىپ تارقىتىپ ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەيدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمى توسالغۇلىرىنى تۈگىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، خىزمەت مېخانىزمى ۋە تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھسات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئېلىمىز ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت. «پىكىر» نىڭ ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلۇشى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇرغۇتۇش، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېمىسىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، «پىكىر» نى يولغا قويۇشتىكى تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر ۋەزىپىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرىشى كېرەك. رايونلار، تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، «پىكىر» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىشى كېرەك. سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈپ قوللايدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. خىزمەت ئىقتىدارى، يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىدا دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «پىكىر» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر