باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى جۇڭگونى چۈشىنىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزى» نى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى چېختا ئۆتكۈزۈلدى

2016.03.22 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزى» نى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى 21-مارت چېخ ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلدى، چېخ-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي سەھەلىرى ۋە ئىلىم ساھەلىرىدىكى زاتلار بۇ كىتابقا بولغان تونۇشى ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە سۆزلىشىپ، بىردەك بۇ كىتاب جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى جۇڭگونى چۈشىنىشدىكى مۇھىم كۆزنىكى ۋە جۇڭگو مەسىلىلىرىدىكى جاۋابقا ئېرىشىدىغان قىممەتلىك ئاچقۇچ، دەپ قارىدى.

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگونىڭ چېختا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن، چېخ ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىلىپ ئالدى بىلەن تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچى تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ مۇھىم ئۆزگىرىشى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر قارات يېڭى پىكىر، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزى» ناملىق كىتابقا يىغىنچاقلانغان. بۇ كىتاب ئارقىلىق كىشىلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى مۇھىم ئۆزگۈرۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونىيالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر