باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى تىپتىكى قوش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە مۇھىت ئاسرايدىغان ئاپتوموبىل نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى

2016.03.22 14:06         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىشىلەرنىڭ ئېنېرگىيە تىجەپ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «15- مارت» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، يېڭى تىپتىكى قوش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە مۇھىت ئاسرايدىغان ئاپتوموبىل نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى.

  مۇخبىر بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئېنىرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، مودا بولۇش ئاپتوموبىل ئىستېمالىدىكى يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. شەھەر ئاھالىسى ياۋ مېڭمېڭ مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىمى مۇھىت ئاسرايدىغانلىقىغا، ئاندىن ئېنىرگىيە تېجەيدىغانلىقىغا قارايمىز. بۇنداق ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگەندە، بەزى چىقىملارنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. مەن ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسرايدىغان قوش ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىكە ئىگە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

  ماي بىلەن توك ئارىلاش ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئىلگىرىكى باھاسى ئاز دېگەندىمۇ 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئىدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ماي بىلەن توك ئارىلاش ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 140 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولغان. بۇ ئىلگىرى باھانىڭ يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغان ئىستېمالچىلاردا ھازىر بۇنداق ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش ئىستىكى پەيدا قىلدى. مۇھىت ئاسراپ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئاپتوموبىللار كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۆچرەتتە تۇرۇشۇپ مەسلىھەت سوراپ ئەھۋال ئىگىلىدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. شەھەر ئاھالىسى لۈ رۈيداڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلىنىدۇ. ئۇنداقتا توك زەرەتلىگۈچنىڭ ئىقتىدارى يېتەمدىمۇ - يوق؟ قانداق زەرەتلەش كېرەك؟ زەرەتلەش ۋاقتى قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەرەتلىگۈچنىڭ باھاسىمۇ ئۇنچە تۆۋەن ئەمەسكەن. ئىستېمالچىلارنىڭ چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىگە قارىتا، گۇاڭدۇڭ ئاپتوموبىل سېتىش شىركىتىنىڭ تويوتا ماركىلىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى زالىنىڭ دېرىكتورى سۈي رۇڭيۈ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىكە ئىگە ئاپتوموبىللار يول يۈرۈش داۋامىدىكى ئېشىنچە ئېنېرگىيە، شۇنداقلا ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش داۋامىدىكى ئېنېرگىيەنى يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسىغا ئىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئارتۇقچە زەرەتلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ھەر 100 كىلومېتىرغا سەرپ قىلىدىغان ماي مىقدارى 4.2 لېتىرغا يېتىدۇ. بۇ، بۇ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىر باك ماي قاچىلىغاندا مىڭ كىلومېتىر يول ماڭالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېمەك ھەقىقەتەن ماينى تىجەيدۇ.

  مۇخبىر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان بىر قانچە كارخانىنى زىيارەت قىلغاندا، ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئېنېرگىيە يېتەرسىز، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇنداق ئەھۋالدا، ئاپتوموبىل ھەيدەش تەننەرخى بارغانسىرى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا، كارخانىلار دەرھال مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشى كېرەك. مۇھىت ئاسراپ، ئېنېرگىيە تىجەيدىغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگەندە ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ. شىنجاڭ خۇادۇڭ لېكساس ئاپتوموبىل سېتىش بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى چېن كەي مۇنداق دېدى: بىزدە ئاز دېگەندىمۇ يەتتە خىل نۇسخىدىن كۆپرەك ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىكە ئىگە ئاپتوموبىللار بار. بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ شەكلى ئىستېمالچىلارنىڭ زامانغا ماسلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزمۇ مۇھىت ئاسراپ ئېنېرگىيە تىجەش، تۆۋەن كاربونلۇق، ئاز بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك، ھازىر نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئېڭىمۇ ئۆسۈۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر