باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2016.02.25 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، ئىسرائىلىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم تېلېفونلىشىپ، سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. پۇتىن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشقاندا سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرى ھاسىل قىلىنغان بارلىق كېلىشىملەرنى قارشى ئالىدىغانلىقى، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ كېلىشىمنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچرىشىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. پۇتىن ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئىككى تەرەپ سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېكىتكەن ئىسلام دۆلىتى، قوللاش فرونتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر