باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ يى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى

2016.02.25 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى ئۈلۈشكۈن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ مارتنىڭ ئاخىرى ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا ۋاشىنگتوندا ئويۇشتۇرىدىغان 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىنى قوللايدۇ، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ سېنتەبىردە جۇڭگوغا كېلىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ۋاڭ يى جۇڭگونىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ كورېيەگە ساد باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنى مەقسەتلىك ئورناتقانلىقىغا قارشى تۇرىدىغان كەسكىن پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. كېررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلە بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىگە قارشى تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، سۇرىيە قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر