باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەننىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش تەدبىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتتى

2016.02.25 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، يەمەننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىپ يەمەننىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاشىلا بولۇۋاتقان شەخس ياكى ئەمەلىي گەۋدىلەرنى جازالاش تەدبىرىنى 2017-يىلى 26-فېۋرالغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: جازا تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش يەمەندە تېررورىزمغا زەربە بېرىدىغان مۇھىم قورال. قارارغا ئاساسەن، ئالاقىدار جازا تەدبىرلىرى مەبلىغىنى توڭلىتىش، ساياھىتىگە چەك قويۇش، قورال ئېمبارگوسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جازالاش ئوبيېكتى ئالاقىدار جازالاش كومىتېتلىرى بېكىتكەن يەمەننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالدى دەپ قارالغان قىلمىشلار ياكى بۇ قىلمىشلارنى قوللىغان شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەر. خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2014-يىلى فېۋرالدا جازالاش قارارىنى ماقۇللىغان. 2015-يىلى فېۋرال خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئالاقىدار جازا تەدبىرلىرىنى ئۇزارتقان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر